گوگۇل پاكىستاندا شىركەت قۇردى

ئىنتېرنېت تورى ئىزدەش موتورى گوگۇل ئىجتىمائىي تاراتقۇ قانۇنىغا ئاساسەن پاكىستاندا چەكلىك شىركەت قۇردى.

1917231
گوگۇل پاكىستاندا شىركەت قۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گوگۇل، ئۆتكەن يىلى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ دۆلەتتە ئىشخانا ئېچىشى شەرت قىلىنغان قانۇن چىقىرىلغاندىن كېيىن، پاكىستاندا چەكلىك شىركەت قۇرغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە تېلېگراف مىنىستىرى سەييىد ئېمىنۇل ھەق، گوگۇلدىن كېيىن ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىنىڭمۇ پاكىستاندا ئىشخانا ئاچىدىغانلىقىنى، جۈملىدىن «تىك-توك» نىڭمۇ يېقىندا ئىشخانا ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۆتكەن يىلى پاكىستاندا چىقىرىلغان قانۇن دائىرىسىدە، ئىجتىمائىي تاراتقۇ شىركەتلىرىنىڭ بۇ دۆلەتتە ئىشخانا ئېچىشى شەرت قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر