شىۋېيتسارىيەدە پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنغان ئافغانىستانلىق كۆچمەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى

گىرېتسىيەدىن شىۋېيتسارىيەگە پاناھلىق تىلەش ئۈچۈن بارغان ئافغانىستانلىق بىر كۆچمەن يەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش توغرۇلۇق قارار چىقىرىشىدىن كېيىن جەنۋەدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى.

1916971
شىۋېيتسارىيەدە پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنغان ئافغانىستانلىق كۆچمەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېيتسارىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى (RTS) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى جەنۋەگە بېرىپ پاناھلىق تىلىگەن 18 ياشلىق ئەلىرىزا، بىر مەزگىلدىن بۇيان ئۇنى باغرىغا باسقان بىر ئائىلە بىلەن بىرلىكتە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، فىرانسۇز تىلى ئۆگىنىۋاتقان ئىكەن.

قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شىۋېيتسارىيەنىڭ مۇھىتىغا ماسلاشقان بولۇشىغا قارىماي، جەنۋە سوت مەھكىمىسى ئەلىرىزانى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش ۋە گىرېتسىيەگە قايتۇرۇۋېتىش توغرۇلۇق قارار چىقارغان.

جەنۋە سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ قارارىدىن كېيىن، ئەلىرىزا 6 –  دېكابىر كۈنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، جەنۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسى، دوختۇرلارنىڭ ئەلىرىزانىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا مايىللىقى توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىغا پىسەنت قىلمىغان.

ئەلىرىزانىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر تاپقالغاندىن كېيىن، مىڭلارچە كىشى جەنۋەنىڭ بېل ئاير كوچىسىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن.

ئافغانىستانلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نامايىشچىلار، «ئادالەت تەلەپ قىلىمىز» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ،  جەنۋە سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر