ب د ت بىرمانى ئاراكانلىقلارنى قۇتقۇزۇشقا چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى بىرمانى دېڭىز يولى ئارقىلىق ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئاندامان دېڭىزىدا قاپسېلىپ قالغان بىر گۇرۇپپا روھىڭيا مۇساپىرلىرىنى جىددىي قۇتقۇزۇشقا چاقىردى.

1916927
ب د ت بىرمانى ئاراكانلىقلارنى قۇتقۇزۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تەخمىنەن 200 روھىڭيالىق مۇساپىر ئولتۇرغان پاراخوتنىڭ 12-ئاينىڭ 1-كۈنى موتورىدا كاشىلا كۆرۈلگەنلىكى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن دولقۇنلارغا دۇچ كېلىپ، ئېقىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئاياللار ۋە بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇساپىرلارنىڭ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان سۇ ۋە يېمەكلىكسىز ياشاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئەگەر مۇساپىرلار قۇتقۇزۇۋېلىنمىسا، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى كۈنلەردە ھاياتىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋىپى بار.»

باياناتتا يەنە، رايون دۆلەتلىرىگە، خەلقئارا دېڭىز قانۇنىغا ئاساسەن مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «بۇ ئاگاھلاندۇرۇش، دېڭىزدا قىيىن ئەھۋالدا قالغان پۇقرالارنى قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈندۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر