سەھىيە تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر يۇقۇمغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاشقا تەييارلانماقتا

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دۇنيانى ئوتتۇرىغا چىققۇسى يەر شارىۋى يۇقۇملاردىن تېخىمۇ ياخشى قوغداش ۋە بىرلىكتە كۈرەش قىلىشنى نىشان قىلغان تۇنجى خەلقئارالىق كېلىشىمنىڭ لايىھەسىنى تەييارلاش قارارىنى تەستىقلىدى.

1916394
سەھىيە تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر يۇقۇمغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاشقا تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتنىڭ جەنۋەدىكى باش ئورگىنىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھۆكۈمەتلەر ئارا سۆھبەت بىرلىكىنىڭ 3-قېتىملىق يىغىنىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە خەلقئارا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېلىشىمى لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يىغىندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ كېلىشىم لايىھەسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى باشلاشقا قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ھۆكۈمەتلەر ئارا سۆھبەت بىرلىكىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسى رولاند درېيس، ئىتتىپاققا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كەلگۈسىدىكى يۇقۇملارغا قارشى تېخىمۇ ياخشى تەييارلىق قىلىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك ھەمكارلىشىپ، كوۋىد -19 دىكى خاتالىقلاردىن تېخىمۇ كۆپ ساۋاق ئالىدىغانلىقىنىڭ كۈچلۈك سىگنالىنى بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

قارار بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەتلەر ئارا سۆھبەت بىرلىكىنىڭ لايىھە تەييارلاش باسقۇچىغا ئۆتىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان درېيس، 27-فېۋرال ئۆتكۈزۈلىدىغان 4-قېتىملىق يىغىندا كېلىشىم لايىھەسىدىكى ماددىلارنى مۇزاكىرە قىلىشنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر