كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئىسيانچىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 272 پۇقرا قازا قىلدى

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان شىمالىي كىۋۇ ئۆلكىسىدىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ 2 - دېكابىر كەچتە قوزغىغان ھۇجۇمىدا 272 پۇقرا قازا قىلدى.

1915638
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئىسيانچىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 272 پۇقرا قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى سانائەت مىنىستىرى، شىمالىي كىۋۇنىڭ سابىق ۋالىيسى جۇلىئېن پالۇكۇ، شىمالىي كىۋۇ ئۆلكىسىنىڭ رۇتشورۇ رايونىغا قاراشلىق كىشىشې بازىرىدا 23-مارت ھەرىكىتى ناملىق قوزغىلاڭچى گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ 2 –دېكابىر كېچىسى قوزغىغان ھۇجۇمىدا 17 نەپىرى كىچىك بالا بولۇپ، جەمئىي 272 پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پالۇكۇ، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ئەدلىيە مىنىستىرىنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ ۋەقەدە توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن لاھەيگە كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۆلەتنىڭ شەرقىدە 2021-يىلى 11-ئايدىن بۇيان 23 – مارت ھەرىكىتى قوراللىقلىرى بىلەن كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار داۋام قىلماقتا.

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى، رىۋاندانىڭ شىمالىي كىۋۇ رايونىنىڭ پايتەختى گومانى ئىگىلىۋېلىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقان 23 – مارت ھەرىكىتىنى قوللاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلىۋاتقان رىۋاندا بىلەن كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا سىياسىي ۋە دىپلوماتىك جىددىيچىلىك داۋاملاشماقتا.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى چېگراسىدىن قېزىۋېلىنغان بىر قىسىم قىممەتلىك مېتاللار چېگرا رايوندىكى قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن قوشنا دۆلەتلەرگە ئەتكەس قىلىنماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر