نىگېرىيەگە 5 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قايتىپ كەلدى

نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامدىن قېچىپ قوشنا دۆلەتلەردە پاناھلانغان 5 مىڭ 704 كىشى يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىپ كەلدى.

1914647
نىگېرىيەگە 5 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قايتىپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم قىلىش فوندىنىڭ (VSF) باشلىقى لاۋال ئالاۋ بايانات ئېلان قىلىپ، نىگېرىيە ئارمىيەسىنىڭ بورنو ئىشتاتىغا قاراشلىق مارتتې رايونىدا قايتىدىن بىخەتەرلىكنى تەسىس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مەزكۇر رايوندا ئالتە يىل ئىلگىرى بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇملىرىدىن قېچىپ قوشنا دۆلەتلەردىن كامېرون ۋە نىگېردە پاناھلانغان 5 مىڭ 704 كىشىنىڭ يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، قايتقانلارنىڭ ھۆكۈمەت سالدۇرغان بىنالارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

نىگېرىيەدە 2000-يىللارنىڭ بېشىدىن تارتىپ بوي كۆرسىتىشكە باشلىغان بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 2009-يىلىدىن بېرى قىلىۋاتقان ھەر خىل تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتى 2015-يىلدىن بۇيان قوشنا دۆلەتلەر بولغان كامېرون، چاد ۋە نىگېردە تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى پەيدا قىلىپ كەلدى. چاد كۆلى ئويمانلىقىدىكى ھۇجۇملاردا ئەڭ ئاز دېگەندە 2 مىڭ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

نىگېرىيەدە تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ۋە ھەر خىل توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن يۈز مىڭلارچە كىشى يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر