بلىنكېن ۋاشىنگتوننىڭ خىتايدىكى نامايىشلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ۋاشىنگتوننىڭ خىتايدىكى كوۋىد-19 تەدبىرلىرىگە قارشى نامايىشلارنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئالدىمىزدىكى يىلنىڭ بېشىدا ئېلىپ بارىدىغان خىتاي زىيارىتى جەريانىدا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1914516
بلىنكېن ۋاشىنگتوننىڭ خىتايدىكى نامايىشلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن CNN قانىلىنىڭ جېيك تاپېر رىياسەتچىلىك قىلغان «ئىتتىپاقداش دۆلەت» پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، كۈنتەرتىپتىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ئۇ، تاپېرنىڭ «ئامېرىكانىڭ خىتايتىكى كوۋىد -19 نامايىشلىرىنى قوللايدىغان ياكى قوللىمايدىغانلىقى» توغرىسىدىكى سوئالىغا، «ئەلۋەتتە قوللايمىز. بىز مەيلى خىتاي، مەيلى ئىران ياكى دۇنيانىڭ ھەر قانداق بىر يېرىدە بولسۇن، كىشىلىك ھوقۇقنى، تىنچ نامايىش قىلىش ھوقۇقىنى، پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىنى قوغدايمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا ئۆزىنىڭ خىتايدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقىنى، زىيارىتى جەريانىدا بۇ مەسىلىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى كۈز پەسلىنىڭ باشلىنىشى بىلەن ۋىرۇسنىڭ ئومىكرون ۋارىيانتىنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويغان «نۆل يۇقۇم» سىياسىتى دائىرىىسىدە، ساياھەت چەكلىمىسى، كوللېكتىپ تەكشۈرۈش،  ئىشلەپچىقىرىش، سودا ۋە مۇلازىمەت ساھەسىدىكى پائالىيەتلەرنى چەكلەش ياكى يېپىق ھالەتتە داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىق قاتتىق ۋە كەڭ كۆلەملىك تەدبىرلەرنى يولغا قويغانىدى.

خەلق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قاتتىق تەدبىرلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا نامايىشلارنى ئۆتكۈزگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر