رۇسىيە پىرېزىدېنت بايدىننىڭ سۆھبەتلىشىش تەكلىپىگە ئىنكاس قايتۇردى

رۇسىيە كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ئىجابىي قارايدىغانلىقىنى، بىراق رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنادىن چېكىنىشكە تەييار ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

1914041
رۇسىيە پىرېزىدېنت بايدىننىڭ سۆھبەتلىشىش تەكلىپىگە ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، پىرېزىدېنت بايدىننىڭ پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى خاتىرىلەتتى.

ئۇ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنادىن چېكىنىشكە تەييار ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت داۋاملىشىۋاتىدۇ. پۇتىن ھەر قاچان ئۇچرىشىش ۋە مۇزاكىرەلەرگە ئوچۇق ئىدى، ھازىرمۇ شۇنداق. تىنچلىق ئاساسىدىكى دىپلوماتىك ۋاسىتىلەر مەنپەئەتلىرىمىزنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئەڭ كۆپ تاللانغان يولى» دېدى.

ئۇ «ئامېرىكانىڭ رۇسىيەنىڭ يېڭى زېمىنلىرىنى (ئۇكرائىنانىڭ بېسىۋالغان زېمىنلىرىنى) ھازىرغىچە ئېتىراپ قىلمىغانلىقى» نى، بۇنىڭ ئۆزئارا مۇزاكىرەگە ئاساس تېپىشنى قىيىنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پۇتىننىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەر قاچان مۇزاكىرەلەرگە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

 ئۇ پۇتىننىڭ ئۇكرائىنادا ئۇرۇش باشلىنىشتىن ئىلگىرىمۇ ئامېرىكا، ناتو، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن تەييارلانغان تېكىست لايىھەسى ئاساسىدا سۆھبەت باشلاشقا تىرىشقانلىقىنى، ئەمما بۇ تىرىشچانلىقنىڭ جاۋابقا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى خاتىرىلەتتى.

ئۇ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن سۈرىيەدىكى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ كۆرۈشۈش ئېھتىمالى توغرىسىدىكى سوئالغا: «ھازىرچە ئېنىق ئەمەس، ئەمما مۇشۇنداق ئېھتىماللىق بار. پۇتىن بۇنداق ئۇچرىشىشنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ ۋە رۇسىيە بۇنىڭغا كۈچ چىقىرىشقا تەييار» دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر