لىتۋانىيە بىر رۇس دىپلوماتنى «قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم» ئېلان قىلدى

لىتۋانىيە رۇسىيەنىڭ ۋىلنيۇستا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ بىر دىپلوماتىنى «قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم» ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1913826
لىتۋانىيە بىر رۇس دىپلوماتنى «قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم» ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىتۋانىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى (LRT)  نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە ئەلچىخانىسىنىڭ بىر خادىمى لىتۋانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلغان ۋە ئۇنىڭغا نوتا تاپشۇرۇلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، رۇس دىپلوماتنىڭ «قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم» ئېلان قىلىنىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭ «دىپلوماتىك بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولمىغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى» ئىكەن.

لىتۋانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر شەخستىن 5 كۈن ئىچىدە دۆلەت چېگراسىدىن چىقىپ كېتىشى تەلەپ قىلىنغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ، لىتۋانىيەنىڭ رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا 24 – فېۋرال كۈنى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان 4 – قېتىم مۇشۇنداق قارار چىقىرىشى ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر