نورۋېگىيە: تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش قىلىش ھوقۇقى بار

نورۋېگىيە باش مىنىستىرى جوناس گاھر ستورې تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئېيتتى.

1913234
نورۋېگىيە: تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش قىلىش ھوقۇقى بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستورې، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز بىلەن پايتەخت بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بىر مۇخبىرنىڭ، تۈركىيەنىڭ چېگرا ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى ھەققىدە سورىغان سوئالىغا قارىتا، تۈركىيەنىڭمۇ بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىگە تاقابىل تۇرۇشىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقلىرىنى، ئەمما بارلىق تەرەپلەرنىڭ سۈركىلىشكە يول ئاچىدىغان ھەربىي ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىر تەھدىت ئوتتۇرىغا چىققان چاغدا، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش قىلىش ھوقۇقى باردۇر.»

نورۋېگىيەنىڭ شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ستورې، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئەزا بولۇشى بىلەن ياۋروپانىڭ كوللېكتىپ بىخەتەرلىككە ئېرىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى .

ئۇ يەنە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ئەزالىق ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلىنىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر