ئەنۋەر ئىبراھىم مالايشىيانىڭ 10-نۆۋەتلىك باش مىنىستىرى بولدى

مالايشىيادىكى 15-قېتىملىق ئومۇمىي سايلامدا بىرىنچى رەتتە تۇرغان ئۈمىد ئىتتىپاقى پارتىيەسى (PH) نىڭ رەھبىرى ئەنۋەر ئىبراھىم پادىشاھ ئابدۇللاھقا ۋەزىپە ۋە مەخپىيەتلىك قەسىمى قىلىپ، باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى.

1910767
ئەنۋەر ئىبراھىم مالايشىيانىڭ 10-نۆۋەتلىك باش مىنىستىرى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيادا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا بىرىنچى رەتتە تۇرغان ئۈمىد ئىتتىپاقى پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئەنۋەر ئىبراھىم باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى.

مالايشىيادا ئۆتكۈزۈلگەن 15-قېتىملىق ئومۇمىي سايلامدا، پارلامېنتتا 82 ئورۇننى قولغا كەلتۈرۈپ ئالدىنقى رەتتە تۇرغان ئەنۋەر ئىبراھىم رەھبەرلىكىدىكى ئۈمىد پارتىيەسى، پارلامېنتتا 73 ئورۇننى قولغا كەلتۈرگەن مۇھيىددىن ياسىن رەھبەرلىكىدىكى مىللىي ئىتتىپاق پارتىيەسى بىلەن سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت تەشكىللەش ئۈچۈن ئۇچرىشىشلارنى باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر