كۇبا پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

كۇبا پىرېزىدېنتى مىگۇئېل مارىيو دىئاز-كانېل بېرمۇدېز جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۈگۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ.

1909748
كۇبا پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشلار جەريانىدا، تۈركىيە-كۇبا مۇناسىۋىتى ھەر جەھەتتىن كۆزدىن كەچۈرۈلۈپ، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا تاشلىنىدىغان ئورتاق قەدەملەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە بىلەن كۇبا ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىق خاتىرە كۈنىگە توغرا كېلىدىغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى دائىرىسىدە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دېڭىزى مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلۇشى پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر