گېرمانىيەدە مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا
گېرمانىيەنىڭ تۆۋەنكى ساكسونيا ئۆلكىسىگە قاراشلىق خاننوۋېر شەھىرىدە بىر مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىدا نۇرغۇنلىغان قەبرە تاشلىرىنىڭ چىقىپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۆۋەن ساكسونيا ئۆلكىسىدە نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمان ئاممىۋى تەشكىلاتلار بار بولۇپ، سچۇرا جەمئىيىتى باشلىقى رەجەپ بىلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىسى جايلاشقان ھاننوۋېردىكى ستوكېن قەبرىستانلىقىدا بەزى قەبرە تاشلىرىنىڭ بۇزۇلغانلىقىغا دائىر كۆرۈنۈشلەرنىڭ تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.
رەجەپ بىلگەن ئۆزىنىڭ قەبرىستانلىققا بېرىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېيتتى ۋە دائىرىلەردىن قەبرە تاشلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىتىلىشىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
رەجەپ بىلگەن يېقىنقى يىللاردا نۇرغۇن قېتىم مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىلىرىنىڭ بۇزۇۋېتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، يېقىندىن بۇيان ئوڭچىل «NSU 2.0» ئىمزالىق خەتلەرنىڭ جامەلەرگە يوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تۆۋەن ساكسونيانىڭ ئىسېرلوخن شەھىرىدە 2022 - يىلىنىڭ بېشىدا، نامەلۇم كىشى ياكى كىشىلەر تەرىپىدىن تۈركلەرگە ۋە مۇسۇلمانلارغا تەۋە قەبرە تاشلىرى چىقىپ تاشلانغان ئىدى.