يەمەندە يىل بېشىدىن بۈگۈنگىچە 92 بالا جېنىدىن ئايرىلغان

يەمەندە بۇ يىل بېشىدىن تارتىپ 15-نويابىرغىچە بولغان مەزگىلدە ئۇرۇش سەۋەبىدىن 92 بالا جېنىدىن ئايرىلدى.

1908704
يەمەندە يىل بېشىدىن بۈگۈنگىچە 92 بالا جېنىدىن ئايرىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 20 -نويابىر دۇنيا بالىلار ھوقۇقى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، خەلقئارا بالىلارنى قۇتقۇزۇش فوندى (Save The Children) يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، 1-يانۋاردىن 15-نويابىرغىچە (2022) يەمەندە ئۇرۇش سەۋەبىدىن 92 بالىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، 241 بالىنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى بىر كىچىك بالىنىڭ يارىلانغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، بالىلارنىڭ ئۆلۈم سەۋەبلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇمات بېرىلمىدى.

يەمەندە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھۇسىيلار 2014-يىلى سېنتەبىردىن تارتىپ پايتەخت سانائانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى رايونلارنى كونترول قىلىپ تۇرماقتا.

سەئۇدى ئەرەبستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم 2015-يىلى مارتتىن باشلاپ ھۇسىيلارغا قارشى يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر