جۇمھۇرىيەتچىلەر ئاۋام پالاتاسىنى، دېموكراتلار كېڭەش پالاتاسىنى قولغا كەلتۈرى

ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلاملارنىڭ كونگرە رىقابىتىدە، جۇمھۇرىيەتچىلەر ئاۋام پالاتاسىدىكى سانىنى 218 گە چىقىرىپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى.

1907308
جۇمھۇرىيەتچىلەر ئاۋام پالاتاسىنى، دېموكراتلار كېڭەش پالاتاسىنى قولغا كەلتۈرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا 8-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامنىڭ نەتىجىلىرى ئاساسەن جەزملەشتى. دېموكراتلار كېڭەش پالاتاسىدا ئۈستۈنلۈكنى، جۇمھۇرىيەتچىلەر ئاۋام پالاتاسىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى.

جۇمھۇرىيەتچىلەر كونگرەنىڭ تۆۋەن قانىتى بولغان 435 كىشىلىك ئاۋام پالاتاسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان 218 ئورۇنغا ئېرىشتى. ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەھبىرى بولۇشى پەرەز قىلىنىۋاتقان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن كېۋىن مېككارتى (Kevin McCarthy): «ئامېرىكا خەلقى يېڭى يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىش ئالدىدا ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلىرى بۇنىڭ ئۈچۈن تەييار» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ ئاۋام پالاتاسىدىكى رەھبىرى كېۋىن مېككارتىغا تېلېفون قىلىپ تەبرىكلىدى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر