ب د ت رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تۆلەم تۆلىشىنى مەزمۇن قىلغان قارارنى قوبۇل قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئومۇمىي كېڭىشى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ئۇرۇش تۆلەم تۆلىشىنى تەلەپ قىلغان قارارنى قوبۇل قىلدى.

1906644
ب د ت رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تۆلەم تۆلىشىنى مەزمۇن قىلغان قارارنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 193 ئەزالىق ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىچى - سىرتىدىكى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنىڭ سۈرۈشتە قىلىنىشىنى مەزمۇن قىلغان قارار لايىھەسىنى ئاۋازغا قويدى.

قارارغا 94 دۆلەت قوللاپ، 14 رەت قىلىپ بېلەت تاشلىدى، 74 دۆلەت ئىپادە بىلدۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. رۇسىيە، خىتاي، ئىران ۋە سۈرىيە قارارنى رەت قىلىپ بېلەت تاشلىغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

قاراردا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلىرى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان زىيان، ئۆلۈم ياكى يارىلىنىش ئەھۋاللىرى ئۈچۈن تۆلەم تۆلىشىگە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق مېخانىزم ئورنىتىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

گەرچە ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى قارارلىرى قانۇنىي چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولمىسىمۇ، سىياسىي سالماققا ئىگە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر