ئامېرىكا-رۇسىيە ئورگانلىرىنىڭ ئۆزئارا ئالاقە ھالىتىدە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا ئامېرىكا بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلارنى، مەھبۇسلارنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش سەۋىيەسىدە داۋاملاشتۇرغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1903740
ئامېرىكا-رۇسىيە ئورگانلىرىنىڭ ئۆزئارا ئالاقە ھالىتىدە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا «سولوۋيوۋ لىۋ» (Solovyov Live) رادىيو پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، موسكۋا-ۋاشىنگتون ئارىسىدىكى ئۇچرىشىشلار توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ ئامېرىكا بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلارنى ئۆزئارا مەھبۇسلارنى ئالماشتۇرۇش سەۋىيەسىدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇچرىشىشلار مۇناسىۋەتلىك ئارمىيە قىسىملىرى ۋە ئىستىخبارات قىسىملىرى دائىرىسىدە بولۇۋاتىدۇ. ناھايىتى ئەپسۇسكى بىز بىر قانچە ئايدىن بۇيان ئامېرىكادىن كىشىلەرنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا ھېچقانداق ھەل قىلىش تەلىپىنى كۆرمىدۇق» دېدى.

ئۇ موسكۋا بىلەن ۋاشىنگتوننىڭ مۇئەييەن ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ ئۇچرىشىشلار ئوخشىمىغان ئىدارە-ئورگانلار سەۋىيەسىدە بولۇۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ تولۇق ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا تەسىر قىلىش بىلەن ئالاقىسى يوق» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر