تۈركىيە تانزانىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە تانزانىيەدە بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ دارۇسسالام – بۇكوبا ئارىلىقىدا قاتناۋاتقاندا چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە باياناتى ئېلان قىلدى.
1902820
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ، تانزانىيەدە بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ دارۇسسالام – بۇكوبا ئارىلىقىدا قاتناۋاتقاندا چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 19 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپقانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «دوست دۆلەت تانزانىيە ۋە خەلقىنىڭ دەرد – ئەلەملىرىنى ئورتاقلىشىمىز، قازادا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز.»
تانزانىيەدە تۈنۈگۈن بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ناچار ھاۋا رايى سەۋەبىدىن ۋىكتورىيە كۆلىگە چۈشۈپ كېتىپ، 19 ئادەم قازا قىلغانىدى.