نىگېرىيەدە ئېتنىك گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

نىگېرىيەنىڭ رىۋېرس ئۆلكىسىدە ئىككى ئېتنىك گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1903015
نىگېرىيەدە ئېتنىك گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رىۋېرس ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەر ئىشلىرى مەسئۇلى گرەيس ئىرېنگې كوكو، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، رىۋېرس ئۆلكىسىنىڭ ئاخودا شەھىرىدە، ئېزې ۋە ئاخودا ئېتنىك گۇرۇپپلىرى  ئوتتۇرىسىدا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرگەنلىكىنى، توقۇنۇشلاردا، 8 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، كۆپ ساندا كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە رايونغا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى، ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈشكە باشلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، نىگېرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئۆلكىلەردە، ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا تەبىئىي بايلىقلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولالماسلىق سەۋەبىدىن، پات - پات زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بېرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر