بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
سۈرىيەدە بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ئىدلىبنىڭ شىمالىي قىسمىدا پۇقرالار پاناھلىنىۋاتقان مارام لاگېرىغا قىلغان ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 9 غا يەتتى.
1902862
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇجۇمدا يارىلانغان 75 پۇقرانى داۋالاش خىزمىتى داۋاملاشماقتا.
بۇ ئارىلىقتا، بەششار ئەسەد كۈچلىرى، ئىدلىب ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى ئىستراتېگىيەلىك M4 تاشيولى ئەتراپىدا ۋە ھەلەبنىڭ غەربىي يېزا – قىشلاقلىرىدمۇ ھۇجۇملارنى ئېلىپ باردى.
سۈرىيە ئارمىيەسى بىلەن ئىران قوللاۋاتقان تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىدىن تەركىب تاپقان بەششار ئەسەد كۈچلىرى، ئىدلىبنىڭ جەنۇبىدىكى ھەلەب ۋە لازقىيە ۋىلايەتلىرىنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك M4 يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ئەتراپىغا، ھەلەبنىڭ غەربى يېزىلىرىدىكى پۇقرالار ئولتۇراق رايونلىرىغا ۋە ھاكىمىيەتكە قارشى ھەربىي گۇرۇپپىلارنىڭ ئالدىنقى سەپ لىنىيەلىرىگە ئېغىر تىپلىق قورال – ياراغلار بىلەن ھۇجۇم قىلدى.