ئىسىرائىلىيەدە نېتانياھۇ باشچىلىقىدىكى ئوڭچى قانات ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى

ئىسىرائىلىيەدە 1-نويابىر(2022) ئۆتكۈزۈلگەن سايلامنىڭ ئاۋاز بېلىتىنى ساناش ئىشلىرى ئاخىرلىشىپ، نەتىجىلەر جەزملەشتى.

1902028
ئىسىرائىلىيەدە نېتانياھۇ باشچىلىقىدىكى ئوڭچى قانات ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيەدە ئەڭ ئۇزۇن باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بىنيامىن نېتانياھۇ باشچىلىقىدىكى ئوڭچى قانات 120 كىشىلىك پارلامېنتتا، 64 ئورۇننى ئىگىلىدى.

تەخمىنەن 6.7 مىليون رويخەتكە ئېلىنغان سايلىغۇچى بار بولغان ئىسىرائىلىيەدە 1-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ %71.3 كە يەتكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

نېتانياھۇ باشچىلىقىدىكى ئوڭچى قانات 120 كىشىلىك پارلامېنتقا 64 پارلامېنت ئەزاسى چىقىرىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈردى.

ئىسىرائىلىيە مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭ رەسمىي نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، نېتانياھۇ رەھبەرلىكىدىكى لىكۇد پارتىيەسى پارلامېنتتا 32 ئورۇننى ئىگىلىگەن. نېتانياھۇنىڭ رەقىبى ھازىرقى باش مىنىستىر يائىر لاپىد رەھبەرلىكىدىكى «كېلەچەك بار» پارتىيەسى 24 ئورۇنغا ئېرىشىپ، پارلامېنتتىكى ئىككىنچى پارتىيە بولغان.

باش مىنىستىر لاپىد باشچىلىقىدىكى «ئۆزگىرىش بىرلەشمىسى» ئىچىدىن ئورۇن ئالغان پارتىيەلەر جەمئىي 52 ئورۇنغا ئېرىشكەن.

ئىككى قااتقا كىرىشنى رەت قىلغان «ئىسىرائىليە پۇقراسى پەلەستىنلىكلەرنىڭ پارتىيەسى» بەش ئورۇننى قولغا كەلتۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر