شولز ۋۇخەن ۋىرۇسى باشلانغاندىن بۇيان خىتاينى زىيارەت قىلغان تۇنجى چەت ئەل رەھبىرى بولۇپ قالدى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن بېيجىڭدا كۆرۈشتى.

1902339
شولز ۋۇخەن ۋىرۇسى باشلانغاندىن بۇيان خىتاينى زىيارەت قىلغان تۇنجى چەت ئەل رەھبىرى بولۇپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي رەئىسى شى ئولاف شولز باش مىنىستىر بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى خىتاي زىيارىتىنىڭ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىشەنچنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، ئوخشىمىغان ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلارنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى  ۋە ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ بۇ يىلنىڭ (2022) گېرمانىيە-خىتاي  دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50-يىلى ئىكەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ، ئارىدىن ئۆتكەن 50 يىلنىڭ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشنى، ئوخشىماسلىقلارنى قوغداپ ئورتاق ئاساس بەرپا قىلىشنى، بىر-بىرىدىن ئۆگىنىشنى ۋە ئۆزئارا تەسىر قىلىشنى، ئورتاق مەنپەئەتكە تايانغان ھەمكارلىقلارنى داۋاملاشتۇرغان ئەھۋالدا، ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ توغرا يولدا تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى شولز ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) باشلانغاندىن بۇيان خىتاينى زىيارەت قىلغان G7 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا تۇنجى دۆلەت رەھبىرى، شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە (2022-يىلى 22-ئۆكتەبىر) ئاخىرلاشقان 20-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن خىتاينى زىيارەت قىلغان تۇنجى چەت ئەل رەھبىرى بولۇپ قالدى.

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بەش يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان كومپارتىيە قۇرۇلتىيىدا يەنە بىر قېتىم كومپارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى بولۇپ سايلىنىپ، ماۋ زېدوڭدىن كېيىن پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئىككى نۆۋەتتىن كۆپ ئۈستىگە ئالغان تۇنجى خىتاي بولۇپ قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر