گېرمانىيە باش مىنىستىرى تۈركىيەنىڭ پائالىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز تۈركىيەنىڭ قارادېڭىز ئاشلىق يۆتكەش تەشەببۇسى ئارقىلىق ئۇكرائىنادىن ئاشلىق ئېكسپورت قىلىنىشىنى داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسىدىكى پائالىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.

1900843
گېرمانىيە باش مىنىستىرى تۈركىيەنىڭ پائالىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ستېففېن خېبرېسترىت، باش مىنىستىر شولزنىڭ تۈنۈگۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تېلېفون سۆھبىتىدە، باش مىنىستىر شولز، تۈركىيەنىڭ قارادېڭىز ئاشلىق يۆتكەش تەشەببۇسى ئارقىلىق ئۇكرائىنادىن ئاشلىق ئېكسپورت قىلىنىشىنى داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسىدىكى پائالىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى. ئەردوغان بىلەن شولز، <رۇسىيەنىڭ يادرو ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك باياناتلىرى> نى تەنقىد قىلدى، باش مىنىستىر شولز، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ <مەينەت بومبا> ئىشلىتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئاساسسىز ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى. ئىككى رەھبەر، نۆۋەتتىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە قويۇق ئالاقىدە بولۇش توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر