ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ چىكاگو شەھىرىدە ئەرۋاھلار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغان ئاممىغا گۇمانلىق بىر ئاپتوموبىلدىن ئوق چىقىرىلىشى نەتىجىسىدە 14 كىشى يارىلاندى.

1900369
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىللىنوئىس ئىشتاتىنىڭ چىكاگو شەھىرىدە ئوق ئاۋازلىرى ئاڭلاندى.

تۈنۈگۈن كەچ تەرەپلەردە ئەرۋاھلار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان ئاممىغا گۇمانلىق بەىر ئاپتوموبىلدىن قالايمىقان ئوق چىقىرىلدى.

ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قوراللىق ھۇجۇم نەتىجىسىدە ئىككىسى بالا بولۇپ، جەمئىي 14 كىشى يارىلانغان.

چىكاگو ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى دەيۋىد بروۋن، بەزى يارىدارلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر بولۇپ، داۋالاشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، گۇمانلىق ئاپتوموبىلدا 2 كىشى بار، دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر