ئەنگلىيەدە كۆچمەنلىك مەركىزىگە ھۇجۇم قىلغان كىشى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى

ئەنگلىيەنىڭ دوۋېر شەھىرىدە كۆچمەنلىك چېگرا مۇداپىئە مەركىزىگە مولوتوف (بېنزىن بومبىسى) ئاتقان كىشى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى.

1899846
ئەنگلىيەدە كۆچمەنلىك مەركىزىگە ھۇجۇم قىلغان كىشى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، شاھىتلار بىر كىشىنىڭ كۆچمەنلەر مەركىزىگە ئېتىلغاق ۋە مولوتوف (بېنزىن بومبىسى)  لىرىنى ئېتىپ، ۋەقەدىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رايونغا ئەۋەتىلگەن ئوت ئۆچۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ مۇداخىلىسى بىلەن ئېتىلغاق ۋە مولوتوف كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوت ئۆچۈرۈۋېلىنغان.

ساقچى ئەترەتلىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، رايوندا بىخەتەرلىك چەمبىرىكى قۇردى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ساقچى ئەترىتىنىڭ رايونغا يېتىپ بارغانلىقى ئېيتتى، ئەمما باشقا تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر