مولدوۋادا ھۆكۈمەتكە قارشى  نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

مولدوۋانىڭ پايتەختى كىشنېۋدە ھۆكۈمەتكە قارشى  نامايىش ئۆركۈزۈلدى.

1899754
مولدوۋادا ھۆكۈمەتكە قارشى  نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مولدوۋا پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئالدىغا يىغىلغان  مىڭلىغان كىشى شەھەر مەركىزىگە قاراپ يۈرۈش قىلدى.

يۈرۈشنى توسماقچى بولغان ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا پات-پات سۈركۈلۈشلەر يۈز بەردى.

تەبىئىي گاز، توك ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن نامايىشچىلار، ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى ۋە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، نامايىش جەريانىدا 28 كىشىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلۈپ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ۋەزىيەتنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان 51 گۇماندارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

سېنتەبىرنىڭ (2022) ئوتتۇرىلىرىدا باشلانغان نامايىشلار، پارلامېنتتىكى شور پارتىيەسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلماقتا.

نامايىشلاردا ئىلگىرى پىرېزىدېنتلىق سارىيى ۋە پارلامېنت بىنالىرى ئالدىغا ئورنىتىلغان چېدىرلار ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىۋېتىلگەن ئىدى.

پىرېزىدېنت مايا ساندۇ 17 – ئۆكتەبىردە (2022) ئېلان قىلغان باياناتىدا، نامايىش جەريانىدا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ۋەقەلىرى كۆرۈلگەنلىكىنى ۋە ساقچىلارنىڭ جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر