رۇسىيە «قىسمەن ھەربىي سەپەرۋەرلىك»كە چاقىرىش خىزمەتلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئۇقتۇردى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ، رۇسىيەدىكى قىسمەن ھەربىي سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1899384
رۇسىيە «قىسمەن ھەربىي سەپەرۋەرلىك»كە چاقىرىش خىزمەتلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ، رۇسىيەدىكى قىسمەن ھەربىي سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بايان قىلىپ: «ئارمىيەگە چاقىرىلغانلارنىڭ 218،000ى مەشىقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ، 82 مىڭى تەربىيەلىنىشنى تاماملاپ، ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋاملىشىۋاتقان رايونلارغا ئەۋەتىلدى» دېدى.

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا قىسمەن ھەربىي سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى؛ ئۇ، سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنىڭ 21 – سېنتەبىردە ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «سەپەرۋەرلىك دائىرىسىدە، ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ 1300 دىن ئارتۇق ۋەكىلى ۋە 27 مىڭدىن ئارتۇق سودا-سانائەتچى ئارمىيەگە چاقىرىلدى. 13 مىڭ پۇقرا پىداكارلىق بىلەن ئارمىيەگە قوشۇلدى. ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئارمىيەگە قاتناشقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 35» دېدى.

شويگۇ، 300 مىڭ پۇقرانىڭ ئارمىيەگە چاقىرىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «ئارمىيەگە چاقىرىلغانلارنىڭ 218،000ى مەشىقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ، 82 مىڭى تەربىيەلىنىشنى تاماملاپ، ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋاملىشىۋاتقان رايونلارغا ئەۋەتىلدى. بۇلارنىڭ 41 مىڭى ھەر قايسى قىسىملاردا ئاكتىپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتىدۇ. سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى ئاخىرلاشتى» دېدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «دەسلەپكى قەدەمدە، ئەسكەرلەرنى كېرەكلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەشتە مەسىلە كۆرۈلدى. بۇ مەسىلىلەر ھەل قىلىندى. ئارمىيەگە قاتناشقانلار توختاملىق ئەسكەرلەر بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، زۆرۈر بولغان تولۇقلىما، فورما، ئۈسكۈنە ۋە يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەندى» دېدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىنمۇ، ئېلان قىلىنغان سەپەرۋەرلىكنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «بۇ جەرياننى چوقۇم يەكۈنلەپ، ھەربىي ئورۇنلاردىكى تىزىملاش تۈزۈمىنى يېڭىلاش كېرەكلىكى»نى ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر