جو بايدىن رۇسىيەنى ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا تاكتىكىلىق يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىشىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر خاتالىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى.

1897682
جو بايدىن رۇسىيەنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جو بايدىن ئاقسارايدىكى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

جو بايدىن بىر مۇخبىرنىڭ: «رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ مەينەت بومبا ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە، سىزنىڭچە بۇ رۇسىيەنىڭ ئالدامچىلىق ھەرىكىتىنىڭ تەييارلىقى بولۇشى مۇمكىنمۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «ئەگەر رۇسىيە تاكتىكىلىق يادرو قورالى ئىشلىتىدىغان بولسا، بۇ ئاجايىپ ئېغىر خاتالىق بولىدۇ. مەن ھازىر بۇنىڭ رۇسىيەنىڭ ئالدامچىلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىگە كاپالەت بېرەلمەيمەن. بۇنى بىلمەيمەن. ئەمما بۇ (يادرو قورال ئىشلىتىش) ئىنتايىن ئېغىر خاتالىق بولىدۇ»  دېدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ ئۇكرائىنانىڭ «مەينەت بومبا» ئىشلىتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋمۇ ئۇكرائىنادا رادىئوئاكتىپلىق بومبا ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى بولغان مۇئەسسسىلەرنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر