شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئەردوغانغا مەكتۇپ يوللىدى

شىۋېتسىيەنىڭ يېڭى باش مىنىستىرى ئۇلف كىرىستېرسون جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۆزىنىڭ ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1896210
شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئەردوغانغا مەكتۇپ يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيەنىڭ «ئافتونبلادېت» گېزىتى، كىرىستېرسوننىڭ تۈنۈگۈن دۆلىتىنىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسى ئارقىلىق جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا مەكتۇپ ئەۋەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، كىرىستېرسون خېتىدە: «پات يېقىندا سىز بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو توغرىسىدا تەپسىلىي سۆھبەتلىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن. سىز مۇۋاپىق كۆرگەن ھامان ئەنقەرەگە كېلىشكە تەييارمىز» دېگەن.

مەكتۇپتا، تۈركىيەنىڭ ئەندىشىسىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان كىرىستېرسون، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىمىز. بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك  ھەمدە باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تارماقلىرى پەيدا قىلغان تەھدىتلەر قاتارلىق تېررورلۇقنىڭ ھەر خىل شەكىللىرى ۋە ئىپادىلىرىگە قارشى تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ: «شىۋېتسىيەنىڭ يېڭى باش مىنىستىرى ئۇچرىشىشنى تەلەپ قىلدى. مەن دوستلىرىمىزغا <ۋاقىت بېرىڭلار، كەلسۇن> دېدىم، بىز ئۇنىڭ بىلەن بۇ مەسىلىلەرنى دۆلىتىمىزدە مۇزاكىرە قىلىمىز. بىزنىڭ بۇ نۇقتىدىكى پىكىرىمىز ئۆزگەرمىدى. ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلغان بۇ تېررورچىلارنى قولغا چۈشۈرۈپ، بىزگە بېرىشلىرى كېرەك. ئۇلار بىزگە بېرىلمىگەن تەقدىردە، بۇ ئىش پارلامېنت باسقۇچىدا ئالغا ئىلگىرىلىمەيدۇ. ھازىرقى باش مىنىستىرنىڭ پوزىتسىيەسى تېررورلۇققا ۋە تېررورچىلارغا قارشى تۇرۇشنى ياقلىماقتا» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر