پاكىستان كەلكۈن قۇربانلىرىنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا تۆلەم تۆلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

پاكىستان ھۆكۈمىتى كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغان ياكى يارىلانغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تۆلەم بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1895492
پاكىستان كەلكۈن قۇربانلىرىنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا تۆلەم تۆلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف پايتەخت ئىسلامئابادتا بايانات بېرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ كەلكۈندە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا 4522 دوللار تۆلەم بېرىلىدىغانلىقىنى؛ كەلكۈننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارغا 316 مىليون دوللار تارقىتىلىدىغانلىقىنى، يارىلانغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغامۇ تۆلەم بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قىشنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان شەرىف، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىش پەسلى ئۈچۈن چېدىر ئەۋەتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

پاكىستاندا ياز بويىچە داۋاملاشقان قاتتىق يامغۇر پەيدا قىلغان كەلكۈن ئاپىتىدە 643 نەپىرى كىچىك بالا، 348 نەپىرى ئايال بولۇپ جەمئىي 1725 كىشى قازا قىلغان، 2 مىليون 200 مىڭ ئۆي، 13 مىڭ كىلومېتىر يول بۇزۇلغان، 435 كۆۋرۈك ۋەيران بولغان، 1 مىليون 100 مىڭ توياق مال – چارۋا نابۇت بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر