مىلانوۋىچ: ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنىڭ كىرودىيە تەۋەلىكىدە مانېۋىر ئۆتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ

كىرودىيە پىرېزىدېنتى زوران مىلانوۋىچ، ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنىڭ كىرودىيە تەۋەلىكىدە مانېۋىر ئۆتكۈزۈشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1894920
مىلانوۋىچ: ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنىڭ كىرودىيە تەۋەلىكىدە مانېۋىر ئۆتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زوران مىلانوۋىچ، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنىڭ كىرودىيەدە مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلىرى توغرىسىدا توختالدى.

مىلانوۋىچ، دۆلىتىنىڭ 24-فېۋرال باشلانغان رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىشىغا ئارىلىشىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مەن كىرودىيەنىڭ (ئۇرۇشقا) ئېھتىياجدىن ئارتۇق ئارىلىشىشىنى قوللىمايمەن. بىز ئۇكرائىنا بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىمىز. مۇشۇنچىلىكلا» دېدى.

مانېۋىرنىڭ كىرودىيە زېمىنلىرىدا ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ «ئۇرۇشنى ئۆز تېررىتورىيەسىگە سۆرەپ كىرىش» بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مىلانوۋىچ: «دۆلەتنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بۇنىڭغا يول قويمايمەن. شەخسەن مەن كىرودىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرى مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇشى توغرىسىدا بىرەر تەكلىپنى ئاڭلىمىدىم، ئەمما مەن ئالدىن دېگەن بولاي» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر