بىرماندىكى بىر تۈرمىنىڭ ئالدىدا پارتلاش يۈز بەردى

بېرمادىكى بىر تۈرمىدە پارتلاش يۈز بېرپ، سەككىز ئادەم قازا قىلدى، 10 ئادەم يارىلاندى.

1894921
بىرماندىكى بىر تۈرمىنىڭ ئالدىدا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرمانىڭ ياڭگون شەھىرىدىكى ئىنسەئىن تۈرمىسىنىڭ كىرىش ئېغىزى ۋە سىرتىدا بۈگۈن ئەتىگەن ئىككى ئايرىم پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى؛ ۋەقەدە ئۈچ تۈرمە خادىمى بىلەن بەش زىيارەتچى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 10 ئادەم يارىلاندى.

پارتلاشتىن كېيىن، رايوننىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكى ۋە پارتلاشقا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىنسەئىن بىرمانىڭ ئەڭ چوڭ تۈرمىسى بولۇپ 10 مىڭ مەھبۇس ياتماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر