سومالىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى ئۆلدى
سومالىدا يۈز بەرگەن ئىككى بومبا ھۇجۇمىدا 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1894031
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دەسلەپكى پارتلاش ساقچى كونتىرول مەركىزىدە، ئىككىنچىسى بولسا جاجاب رايونىغا جايلاشقان ھۆكۈمەت مەركىزى ئەتراپىدا مەيدانغا كەلگەن.
ئىككى ھۇجۇمدا 8 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 5 پۇقرا يارىلانغان.
پارتلاشلار ھەققىدە تېخىچە رەسمىي بايانات ئېلان قىلىنمىغان.