ئىران تۈرمىسىدە توقۇنۇش يۈز بەردى

ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندىكى ئەۋىن تۈرمىسىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە كەم دېگەندە 8 كىشى يارىلاندى.

1893293
ئىران تۈرمىسىدە توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى <IRNA> نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەۋىن تۈرمىسىدا ئادەتتىكى جىنايەتچىلەر جايلاشقان بۆلۈمدە مەھبۇسلار بىلەن قاراۋۇللار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 8 كىشى يارىلانغان.

سىياسى مەھبۇسلارنىڭ كۆپلىكى بىلەن تونۇلغان تۈرمىدىكى كىيىم-كېچەك ئامبىرىغا ئوت قويۇپ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا مىلتىق ئاۋازى شۇنداقلا پارتىلاش ئاۋازلىرى ئاڭلىنىۋاتقان سىنلار ھەمبەھىرلەنگەن.

تۈرمىدىكى ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مەھبۇسلارغا سەلىبىي جاۋاپ قايتۇرۇلۇششنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈرمە ئەتراپىنى بوش قويماسلىق چاقىرىقى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، تۈرمە ئەتراپىدا تۇرۇشلۇق كىشىلەر بىلەن باشقا شەھەرلەردىن كەلگەن كىشىلەر كوچىلارنى تولدۇردى.

تېھراننىڭ يادىگارى ئىمام چوڭ كوچىسىدا ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ كەتكەن ئاپتوموبىللارمۇ كاناي چېلىش ئارقىلىق نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ۋە تۈرمە ئەتراپىدا قاتناش توختاپ كەتتى.

بەزى نامايىشچىلار ئەۋىن تۈرمىسىدىكى ئوت ئاپىتىگە  نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ ئېلان تاختىلىرىغا ئوت قويۇپ بەردى.

 

تۈرمىدىن كەلگەن شىددەتلىك پارتىلاش ۋە قورال ئاۋازلىرى يېقىن ئەرتاپتىمۇ ئاڭلاندى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا شەھەرنىڭ نۇرغۇنلىغان رايونلىرىدىن تۈرمە رايونىغا بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئەۋەتىلگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر