مايا ساندۇ: «رۇسىيە مولدوۋانىڭ ھاۋا ساھەسىگە دەخلى-تەرۇز قىلدى»

مولدوۋا پىرېزىدېنتى مايا ساندۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە ئاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ مولدوۋانىڭ ھاۋا ساھەسىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز چېگرالىرىمىزغا ھۆرمەت قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى.

1891609
مايا ساندۇ: «رۇسىيە مولدوۋانىڭ ھاۋا ساھەسىگە دەخلى-تەرۇز قىلدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مولدوۋا پىرېزىدېنتى مايا ساندۇ پايتەخت كىشىنېۋدە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، نۆۋەتتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

مايا ساندۇ رۇسىيەنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئۇكرائىنادىكى پۇقرالارنىڭ ئۇل- ئەسلىھەلىرىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ: «بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ بومباردىمان قىلىنىشى ۋە ئۆلتۈرۈلۈشى، بىز قاتتىق ئەيىبلەيدىغان ئۇرۇش جىنايىتىدۇر» دېدى.

مايا ساندۇ رۇسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ مولدوۋانىڭ ھاۋا ساھەسىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بەزى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار رۇخسەتسىز ھالدا ھاۋا بوشلۇقىمىزدىن ئۆتتى. مولدوۋا جۇمھۇرىيىتى باشقا دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغان تىنچلىقپەرۋەر دۆلەتتۇر. بىز بۇنى كۆپ قېتىم ئېيتتۇق ۋە ئەمەلىيتىمىزدە ئىسپاتلىدۇق. شۇڭا بىز چېگرالىرىمىزغا ھۆرمەت قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر