كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە يۈك پاراخوتى چۆكۈپ كېتىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى كونگو دەرياسىدا يولۇچىلار ئولتۇرغان ۋە يۈك بېسىلغان بىر پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 40 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1891665
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە يۈك پاراخوتى چۆكۈپ كېتىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كونگو دەرياسىنىڭ سېكلىن ۋېندجى رايونىدا، كۆپ ساندا يولۇچىلار ئولتۇرغان ۋە يۈك بېسىلغان بىر پاراخوت، نامەلۇم سەۋەب بىلەن چۆكۈپ كەتكەن.

خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، قازادا 40 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ،  يوقاپ كەتكەن يولۇچىلار ۋە پاراخوت خادىملىرىنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كېتىشىگە ھاۋا شارائىتىنىڭ ناچارلىقى، ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە يۈك ۋە يولۇچى توشۇش سەۋەب بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر