ب د ت: ئۇكرائىنا نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرى دۆلەتنى تەرك ئەتتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيە ئۇرۇش قوزغىغان 24 – فېۋرالدىن بۇيان ئۇكرائىنا نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ بۇ دۆلەتنى تەرك ئەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1891159
ب د ت: ئۇكرائىنا نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرى دۆلەتنى تەرك ئەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئورتاق يازما باياناتتا، ئۇكرائىنا مۇساپىرلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.

باياناتتا، ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن ئۇكرائىنا نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ دۆلەتنى تەرك ئەتكەنلىكى، كۆپ ساندىكى ئاياللار، بالىلار، ياشانغانلار ۋە مېيىپ مۇساپىرلارنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە مۇداپىئەسىز ھالەتتە ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى، مۇساپىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى قوغداشنىڭ خەلقئارا قانۇننىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكى، بالىلارنى قوغداشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى، رۇسىيەنىڭ تۈنۈگۈن ئۇكرائىنادىكى پۇقرالار ئولتۇراق رايونلىرىغا قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە مىڭلىغان ئائىلىلەرنىڭ توك ۋە ئۇچۇر - ئالاقە ئىمكانىيەتلىرىدىن مەھرۇم قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنىڭمۇ ئۈزۈلۈپ قېلىشىغا سەۋەب بولغانلىقى، جۈملىدىن، ب د ت غا قاراشلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئېھتىياجلىق رايونلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزەلمەيۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە رايوندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ھەمراھلىرىنىڭ ئۇكرائىنادا قېلىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر