كولۇمبىيەدە جۇلىيا بورىنى 1 - دەرىجىلىك بوران ئاپىتىگە ئايلاندى
كارىب دېڭىزىنىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن ۋە كولۇمبىيەنىڭ سان ئاندرېس شۇنداقلا پروۋېدېنسىيە ئاراللىرى ئارىسىدىن ئۆتكەن جۇلىيا بورىنى 1 - دەرىجىلىك بوران ئاپىتىگە ئايلاندى.
1890220
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزىي ئىشخانىسى ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق دۆلەتلىك بوران-چاپقۇن ئىدارىسى بۈگۈن ئەتىگەن نىكاراگۇئانىڭ غەربىي دېڭىز قىرغاقلىرىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىش مۇمكىنلىكى بولغان جۇلىيا ئىسسىق بەلۋاغ بورىنىنىڭ 1 - دەرىجىلىك بوران ئاپىتىگە ئايلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
كولۇمبىيە پىرېزىدېنتى گۇستاۋ پېترو تۈنۈگۈن تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «جىددىي ھالەت ۋەزىيىتىدە تۇرماقتىمىز. جۇلىيا بورىنىڭ ئاپەتكە ئايلىنىشى ۋە ئاخشام سائەت 7 دىن 9 غىچە بولغان ئارىلىقتا سان ئاندرېسقا يېتىپ كېلىشى مۇمكىن. بارلىق مېھمانخانا ئۇل ئەسلىھەلىرى مۇداپىئەسىز ئاممىغا پاناھلىق جاي ھازىرلىشى كېرەك» دېگەن ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى.