دۇنيا بانكىسى پاكىستانغا 2 مىليارد دوللارلىق فوند ئايرىيدىغان بولدى

دۇنيا بانكىسى پاكىستاننى كەلكۈندە زىيانغا ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم قىلىش ۋە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن 2 مىليارد دوللارلىق فوند بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1890300
دۇنيا بانكىسى پاكىستانغا 2 مىليارد دوللارلىق فوند ئايرىيدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كىرىم ۋە مالىيە مىنىستىرى ئىسھاق دار پايتەخت ئىسلامئابادتا دۇنيا بانكىسىنىڭ پاكىستان دېرىكتورى ناجى بېنخاسسىن بىلەن كۆرۈشكەن.

بېنخاسسىن دۇنيا بانكىسىنىڭ جىددى قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ئايرىلغان مەۋجۇت مالىيە مەنبەسىدىن كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان پاكىستانغا 2 مىليارد دوللار ئاجرىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كىرىم ۋە مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيا بانكىسى ۋەدە قىلىنغان سوممىدىن 1.5 مىليارد دوللارنى بۇ يىل بېرىدىكەن.

ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى (ADB) نىڭ پاكىستانغا تەخمىنەن 2 مىليارد 500 مىليون دوللار قەرز بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن بۇ ئىلگىرىلەشنىڭ مەيدانغا كېلىشى دىققەتلەرنى تارتتى.

ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى 6 - ئۆكتەبىردە كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن پاكىستاننى تەخمىنەن 2 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق قەرز بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

پاكىستاندا 14 – ئىيۇندىن بۇيان يېغىشنى باشلىغان پەسىللىك يامغۇر سەۋەبلىك كەلكۈن ئاپىتىدە 1700 كىشى قازا قىلىپ، 13 مىڭ كىشى يارىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر