ماكرون ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئالاھىدە فوندى تەسىس قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى قوللاش مەقسىتىدە ئالاھىدە فوند قۇرۇشنىڭ قارار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماكرون، چېخىيەنىڭ پايتەختى پىراگادا چاقىرىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ غەيرى رەسمىي باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، باشلىقلار يىغىنىدا ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ماكرون، دۆلىتىنىڭ ئۇكرائىنانى ھەربىي ئەسلىھەلەر ئارقىلىق قوللىغانلىقىنى، فىرانسىيەنىڭ يەنە ياۋروپادىكى بىر قىسىم شېرىكلىرى بىلەن قوشۇمچە CAESAR ناملىق زەمبىرەكلەر بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
«(باشلىقلار يىغىنىدا) بىز يەنە ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇش تىرىشچانلىقى ۋە رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قوللاش ئۈچۈن، زۆرۈر تېپىلغاندا، ئەڭ ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى بىۋاسىتە سانائەتچىلىرىمىزدىن سېتىۋالىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئالاھىدە فوندى قۇرۇشنى قارار قىلدۇق» دېگەن ماكرون، بۇ فوندنى دەسلەپكى قەدەمدە 100 مىليون ياۋرو بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.