فىرانسىيە ئىراندىكى پۇقرالىرىنى باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ كېتىشكە چاقىردى

فىرانسىيە ئىراندىكى پۇقرالىرىنى خالىغانچە نازارەت ئاستىغا ئېلىنىش خەۋپىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇ دۆلەتتىن ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چىقىپ كېتىشكە چاقىردى.

1890158
فىرانسىيە ئىراندىكى پۇقرالىرىنى باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ كېتىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئىران ساياھىتى تەۋسىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوشۇمچە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەت پۇقرالىقىغا ئىگە كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق فىرانسىيە پۇقرالىرىغا «خالىغانچە قولغا ئېلىنىش خەۋپى»نى نەزەردە تۇتۇپ، ئىراندىن ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چىقىپ كېتىشنى تەۋسىيە قىلىدى.

باياناتتا، ئىراننىڭ قوش دۆلەت تەۋەلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقى، كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە فىرانسىيە پۇقرالىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىندى.

مىنىستىرلىقنىڭ بۇ باياناتى، تېھران ھۆكۈمىتى 5-ئايدا  جاسۇسلۇق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ قولغا ئالغان ئىككى فىرانسىيە پۇقراسىنىڭ «جاسۇس ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى» توغرىسىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى تارقىتىشىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

ئىران، ماي ئېيىدا جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلەپ نازارەت ئاستىغا ئالغان فىرانسىيە پۇقراسى ئىككى كىشىنىڭ «فىرانسىيە تاشقى ئىستىخبارات ئورگىنى ئۈچۈن ئىشلەيدىغانلىقىنى، ھاكىمىيەت ئۆزگەرتىش شارائىتى يارىتىش ئۈچۈن ئىرانغا كەلگەنلىكى»نى ئېيتقان كۆرۈنۈشلىرى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە تارقىتىلغانىدى.

فىرانسىيە ئىراننىڭ قاماقتىكى ئىككى پۇقراسىنى ئۆزلىرىنىڭ «جاسۇس» ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىقرارىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

پارىژ ھۆكۈمىتى تېھراندىن قاماقتىكى ئىككى فىرانسىيە پۇقراسىنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر