بايدىن: پۇتىن يادرو قورالى ئىشلەتسە، دۇنيادا قىيامەت بولىدۇ

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا غەلبە قىلىش ئۈچۈن تاكتىكىلىق يادرو قورالى ئىشلەتكەن ئەھۋالدا، دۇنيادا «قىيامەت قايىم» (Armageddon) بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

1889674
بايدىن: پۇتىن يادرو قورالى ئىشلەتسە، دۇنيادا قىيامەت بولىدۇ
biden nato.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن يادرو ئۇرۇشى تەھدىتى توغرىسىدىكى ئەڭ قاتتىق باياناتىنى نىيۇ يوركتا ئۆتكۈزۈلگەن ئىئانە توپلاش يىغىنىدا ئېلان قىلىپ، دۇنيانىڭ 60 يىلدىن بۇيانقى يادرو ئاپىتىگە ئەڭ يېقىنلاشقان ۋاقىتنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ئىلگىرىكى سابىق پىرېزىدېنتلاردىن جون كېننېدىي ۋە كۇبا ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا كىرىزىسىدىن كېيىن، بۇنىڭدەك قىيامەت قايىم بولۇش ئېھتىمالىغا دۇچ كەلمىدۇق» دېدى.

پىرېزىدېنت بايدىن رۇسىيە پىرىېزىدېنتىغا قارىتىپ: «ئۇ مەن ناھايىتى ياخشى تونۇيدىغان ئادەم. تاكتىكىلىق يادرو قوراللىرى، بىيولوگىيەلىك ياكى خېمىيەلىك قوراللارنى ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدا گەپ قىلغاندا، چاقچاق قىلمىدى. چۈنكى ئارمىيەسىنىڭ ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە نامايان قىلالمىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. پۇتىن ئۈچۈن چىقىش يولىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە تىرىشىۋاتىمەن. ئۇ چىقىش يولىنى قەيەردە تاپىدۇ؟ رۇسىيەدە ئىناۋىتىنى تۆكۈشتىن باشقا، زور دەرىجىدە كۈچىنىمۇ يوقىتىۋاتىدۇ. تاكتىكىلىق يادرو قورالى ئىشلىتىپ، ئاخىرىدا قىيامەت بىلەن ئاخىرلاشتۇرماسلىق دەيدىغان بۇنداق ئىش يوق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر