رۇسىيە لىتۋانىيەلىك دىپلوماتنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» دەپ جاكارلىدى

رۇسىيە لىتۋانىيەنىڭ موسكۋادىكى ئەلچىخانىسىدا ۋاكالەتچى دىپلومات بولۇپ تۇرۇۋاتقان ۋىرگىنىئا ئۇمبراسېنېنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» دەپ جاكارلىدى.

1889120
رۇسىيە لىتۋانىيەلىك دىپلوماتنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» دەپ جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ۋىلنيۇستا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا ۋاكالەتچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان دىپلومات سېرگېي رىيابوكوننىڭ «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» دەپ ئېلان قىلىنغانلىقىنى، بۇنىڭ ئاساسسىز قاار ئىكەنلىكىنى  بىلدۈرۈپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، لىتۋانىيەنىڭ موسكۋادىكى ئەلچىخانىسىنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ مىنىستىرلىققا چاقىرتىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا: «ئەلچىخانا خىزمەتچىسىگە موسكۋادىكى لىتۋانىيە ئەلچىخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەسئۇل خادىم ئۇمبراسېنېنىڭ <قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى> دەپ ئېلان قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇلدى. ئۇمبراسېنې بەش كۈن ئىچىدە رۇسىيە تەۋەلىكىدىن چىقىپ كېتىشى كېرەك» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

«لىتۋانىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈل-كېسىل قالايمىقانلاشتۇرۇش ئۈچۈن دۈشمەنلەرچە سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى» تەكىتلەنگەن باياناتتا، لىتۋانىيەنىڭ پايتەخت موسكۋادىكى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ توڭلىتىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، ۋىلنيۇسنىڭ كەلگۈسىدىكى «دوستانە بولمىغان» قەدەملىرىگە قارشى قوشۇمچە تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

لىتۋانىيە، رۇسىيەنىڭ ۋىلنيۇستا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا ئىشلەۋاتقان ۋاكالەتچى دىپلومات رىيابوكوننى 3-نويابىر «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» دەپ ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر