گازپروم ئىتالىيەنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى قايتا باشلىدى

رۇسىيە ئېنېرگىيە شىركىتى  گازپروم ئىتالىيەگە ئاۋىستىرىيە ئارقىلىق تەبىئىي گاز توشۇشنىڭ قايتا باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

1888672
گازپروم ئىتالىيەنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى قايتا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گازپروم تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىتالىيەگەئاۋىستىرىيە ئارقىلىق تەبىئىي گاز توشۇش خىزمىتىنىڭ قايتا باشلىنىشى ئۈچۈن تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقى، ئاۋىستىرىيەدىكى شىركەتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن،  ئىتالىيەگە ئاۋىستىرىيە ئارقىلىق تەبىئىي گاز توشۇش خىزمىتىنىڭ قايتا باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

گازپروم شىركىتىنىڭ ئىتالىيەنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش پائالىيىتى، 1 – ئۆكتەبىر ئېمبارگولىرى دائىرىسىدە ئاۋىستىرىيەدە ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر سەۋەبىدىن توختاپ قالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر