ئاۋسترىيە پىرېزىدېنتى تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىك رولىغا يۇقىرى باھا بەردى

ئاۋسترىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندېر ۋان دېر بېللېن، تۈركىيەنىڭ ئاشلىق كىرىزىسىنى ھەل قىلىش مۇساپىسىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئېيتتى.

1888218
ئاۋسترىيە پىرېزىدېنتى تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىك رولىغا يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت بېللېن يەكشەنبە كۈنى ئاۋسترىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن ئىلگىرى ت ر ت گە، رۇسىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەسسەچىلىك رولى، ئاشلىق كېلىشىمى ۋە ياۋروپادا باش كۆتۈرگەن ئېنېرگىيە كىرىزىسى قاتارلىقلار توغرىسىدا بايانات بەردى.

ئۇ، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا نيۇيوركتىكى تۈركىيە ئۆيىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىغا دائىر تەپسىلاتلار ھەققىدە مەلۇمات بەردى؛ تۈركىيەنىڭ 24-فېۋرال باشلانغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى جەريانىدىكى مۇرەسسەچىلىك رولىغا يۇقىرى باھا بېرىپ: «تۈركىيە بۇ كىرىزىستا ئىنتايىن مۇھىم ئىشلارنى قىلدى، ئەگەر ئۇكرائىنا ياكى رۇسىيە ئاشلىق  مەھسۇلاتلىرى قارا دېڭىز ئارقىلىق ئېسكپورت قىلىنمىغان بولسا ئىدى، بىز دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا، بولۇپمۇ ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرقتە ئاچارچىلىق كىرىزىسىغا دۇچ كەلگەن بولاتتۇق. بۇ تۈركىيەنىڭ مۇرەسسە قىلىشى، ئەردوغان  بىلەن (باش كاتىپ ئانتونىيو) گۇتتېررېسنىڭ تىرىشچانلىقى سايىسىدا ئىشقا ئاشتى» دېدى.

ئاۋسترىيە پىرېزىدېنتى، تۈركىيەنىڭ، ئاۋسترىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو ھەربىي مانېۋىرىغا قاتنىشىشىغا ماقۇللۇق بىلدۈرگەنلىكىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ ئاۋسترىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.

ئۇ، ياۋروپادىكى ئېنېرگىيە كىرىزىسى توغرىسىدا توختىلىپ، دۆلىتىنىڭ بۇ قىشتىن تەبىئىي گاز مەسىلىسىگە پېتىپ قالماي ئۆتۈپ كېتەلەيدىغانلىقىنى، ياۋروپانىڭ رۇسىيە تەبىئىي گازىغا بېقىنىپ قېلىشتىن قۇتۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئالېكساندىر ۋان دېر بېللېن، ئاۋسترىيە - تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ دوستانە شەكىلدە تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا تېگى تۈركىيەلىك ئاۋسترىيە پۇقرالىرىنىڭمۇ بېلەت تاشلىشىنى خالايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر