ئىراندىكى نامايىشلار زاھىداندىكى ئوقۇ - ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتتى

ئىراننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى زاھىدان شەھىرىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەردىن كېيىن، رايوندىكى مەكتەپلەر دەرس توختاتتى.

1887126
ئىراندىكى نامايىشلار زاھىداندىكى ئوقۇ - ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسىمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — ئىرنا، مائارىپ باش ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، سىستان-بالۇچىستان ئۆلكىسىنىڭ زاھىدان شەھىرىدىكى ۋەقەلەر پەيدا قىلغان ئەنسىزلىك سەۋەبىدىن مەكتەپلەرنىڭ شەنبە كۈنى (بىر كۈن) تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

زاھىدان، كۇرىن ۋە نۇسرەتئاباد شەھەرلىرىدىكى بارلىق مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلىرىنى بىر كۈنلۈك دەم ئېلىشقا قويۇۋەتتى، زاھىدان ئۇنىۋېرسىتېتى بولسا، 1-ئۆكتەبىردىن 7-ئۆكتەبىرگىچە ئوقۇ – ئوقۇتۇشنى توختاتتى.

ئىران تاراتقۇلىرى تۈنۈگۈن چۈشتە دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى زاھىدان شەھىرىدە جۈمە نامىزىدىن كېيىن بىر ساقچىخانا ۋە پۇقرالارنىڭ ئوققا تۇتۇلغانلىقىنى، شەھەردىكى بىر ئاممىۋى بىنا بىلەن بىر ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى ۋە بىر بانكا شۆبىسىگە ئوت قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغانىدى.

سىستان-بالۇچىستان ۋالىيسى ھۈسەيىن مۇدەررىس خىيابانى بايانات بېرىپ، ۋەقەلەردە 19 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 20 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، بۇ ساننىڭ ساقچى ۋە پۇقرالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلارنىڭ كېيىن ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر