ئەرمېنىيە پىرېزىدېنتى: دۆلىتىمىزنى مۇرەككەپ ۋە قىيىن قارارلار كۈتۈۋاتىدۇ

ئەرمېنىيەنىڭ تۇنجى پرېزىدېنتى لېۋون تېر-پېتروسيان دۆلىتىنى مۇرەككەپ ۋە قىيىن قارارلارنىڭ  كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1886226
ئەرمېنىيە پىرېزىدېنتى: دۆلىتىمىزنى مۇرەككەپ ۋە قىيىن قارارلار كۈتۈۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېر-پېتروسيان، ئەرمېنىيەدىكى بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ئەرمېنىيەنى مۇرەككەپ ۋە قىيىن قارارلارنىڭ  كۈتۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشىمىز لازىم. چۈنكى، ئەرمېنىيەگە نىسبەتەن باشقا ھېچقانداق تاللاش يولى بولمىغان بىر دەۋرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز. ئەگەر بىر ھۆججەت ئىمزالانمىسا، ئىككى قوشنا دۆلەت (ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە) بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈلمىسە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 70 يىللىق رېئاللىقىنى ئۆزگەرتەلمەيمىز. بىز دۆلىتىمىزنى قايتا قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر