خىتاي ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتىنىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى كامېلا خاررىسنىڭ ياپونىيە زىيارىتى جەريانىدا قىلغان ئامېرىكانىڭ «تەيۋەن بىلەن رەسمىي بولمىغان مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقى» توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1885930
خىتاي ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتىنىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋىنبىن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خاررىسنى ۋاشىنگىتوننىڭ «بىر خىتاي» پىرىنسىپىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى.

باياناتچى ۋاڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنت خاررىسنىڭ «خىتاينىڭ قائىدە-پىرىنسىپلارنى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنىڭ نېگىزلىك ئاساسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ» دېگەن سۆزىنى تىلغا ئېلىپ، ئەسلىدە خەلقئارا تەرتىپنى بۇزغان تەرەپنىڭ ئامېرىكا خەلقئارا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

باياناتچى ۋاڭ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكا تەرەپ خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۈچ بىرلەشمە خىتابنامىدە، دۇنيادا پەقەت بىرلا خىتاينىڭ بارلىقىنى، تەيۋەننىڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلدۇ. ۋەدىسىدە تۇرۇش ئەڭ ئەقەللىي قائىدە. ئەگەر ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىسا، قائىدە قانداق قائىدە بولىدۇ؟ بۇ ئەھۋال داۋاملاشقان ئەھۋالدا خەلقئارا تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلغان تەرەپ ئامېرىكا بولىدۇ.»

باياناتچى ۋاڭ ئامېرىكانى «ئۈچ بىرلەشمە خىتابنامە» دىكى ۋەدىسىگە ۋە بىر خىتاي پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، «تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان بۆلگۈنچىلەرنىڭ پائالىيىتىگە ئوچۇق-ئاشكارە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى.

خىتاي تەيۋەندە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى (DPP) ھۆكۈمىتىنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان ھەر قانداق مۇناسىۋەتنى «تەيۋەننى مۇستەقىل بولۇشقا جاسارەتلەندۈرۈش» دەپ قارايدۇ.

بېيجىڭ «بىر خىتاي پىرىنسىپى» نى تەكىتلەپ، تەيۋەننىڭ دۇنيادىكى دۆلەتلەر بىلەن مۇستەقىل دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا، ب د ت ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا ۋەكىل تۇرغۇزۇشىغا قارشى تۇرىدۇ. خىتاينى ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشىنى شەرت قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر