ئامېرىكا: ئاراكانلىقلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىرمانىڭ ئىچى-سىرتىدا ياشاۋاتقان ئاراكانلىقلاردىن سىرت يەنە، باڭلادېشتىكى ساھىبخان  جەمئىيەتلەر ئۈچۈن 170 مىليون دوللاردىن ئارتۇق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1883703
ئامېرىكا: ئاراكانلىقلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، 2017 – يىلى ئاۋغۇستتىن بۇيان ئاراكانلىقلار دۇچ كېلىۋاتقان كىرىزىسنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە 1 مىليارد 900 مىليون دوللار ياردەم بېرىلگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز باشقا ئىئانە قىلغۇچىلارنى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرگە كۈچلۈك شەكىلدە تۆھپە قوشۇشقا ۋە بىرمادا زوراۋانلىقنىڭ قۇربانلىرىغا بولغان ياردەمنى ئاشۇرۇشقا چاقىرىمىز. بىرمانىڭ شەرت - شارائىتى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئاراكانلىقلارنىڭ بىخەتەر، ئىختىيارىي يوسۇندا، ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدىغان ئاساستا داۋاملىق قايتىشىغا ۋە قايتا ئورۇنلىشىشىغا توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ. باڭلادېش ھۆكۈمىتى، ئاراكان ۋە بىرما دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، كرىزىسنى ھەل قىلىش چارىسى ئىزدەۋاتىمىز.»

ئىگىلىنىشىچە، باڭلادېش، 2017-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا بىرمادا يۈز بەرگەن ھەربىي باستۇرۇشتىن كېيىن، راكھىنې ئۆلكىسىدىن قاچقان 1 مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا ساھىبخانىلىق قىلماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر