ئامېرىكادا 23 يىل بىگۇناھ تۈرمىدە ياتقان مۇسۇلمان مەھبۇس ئادنان سەيىد قويۇپ بېرىلدى

ئامېرىكانىڭ مارىلاند ئىشتاتىدا 23 يىل تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن گۇناھسىزلىقى ئىسپاتلانغان مۇسۇلمان مەھبۇس ئادنان سەيىد قويۇپ بېرىلدى.

1882890
ئامېرىكادا 23 يىل بىگۇناھ تۈرمىدە ياتقان مۇسۇلمان مەھبۇس ئادنان سەيىد قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مارىلاند ئىشتاتىنىڭ بالتىمور شەھىرىدە، سوتچى مېلىسسا فىن تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ باشقا گۇمانلارنى يېتەرلىك تەكشۈرمىگەنلىكىنى ۋە ئاجىز دەلىل-ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئادنان سەيىدنىڭ 1999 - يىلى سابىق قىز دوستى خا مىن لېنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتىنى بېكار قىلدى.

41 ياشلىق سەيىد 23 يىل تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن، ئاخىرى سوتتا گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلىندى ۋە كىشەنسىز ھالدا سوت زالىدىن ئايرىلدى.

ئۇنىڭ ئادۋوكاتى رابىيا چودرى تەرىپىدىن يېزىلغان «ئادناننىڭ ھېكايىسى» ناملىق كىتابى ۋە سەيدنىڭ دېلوسىدىكى خاتالىقلار توغرىسىدىكى پودكاست يۈرۈشلۈك فىلىمى كىشىلەرنىڭ ئاللاھىدە  دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، رابىيا چودرى بۈگۈن تىۋىتتېردا سەيىدنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە ئۆيىگە قايتىۋاتقانلىقىنىڭ كۆرىنىشلىرىنى ھەمبەھىرلىدى.

ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان پۇقرالار ئەركىنلىكى ۋە تەشۋىقات تەشكىلاتى بولغان ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋىتى كېڭىشى (CAIR) نىڭ مارىلاند ئىشتاتلىق مۇدىرى زەينەپ چودىرى بولسا، سەيىد ھەققىدىكى سوتنىڭ ھۆكۈمىنى بۇزۇپ تاشالىغان سوت قارارىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋىتى كېڭىشى (CAIR) نىڭ دىرېكتورى زەينەپ چودىرى باياناتىدا: «بۈگۈنكى ئىسپات ئاڭلاش سوتىدا پۈتكۈل جىنايى ئىشلار ئەدلىيە تۈزۈلمىمىزنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەت ئوتتىۇرىغا چىقتى. ئادنان سەيىد ئەپەندى ئۇزۇندىن بۇيان ئىنتىزار بولغان سوت ھۆكۈمىنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى قارشى ئالىمىز ھەمدە ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنىڭ تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ھاياتنى ئۆزگەرتىدىغان ئېغىر قارارلارنى بەرگەندە، نۇرغۇن تەرتىپلەرنى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە چوقۇم مۇۋاپىق تەرتىپكە ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن سىگنال بولۇپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ئادنان سەيىد 1999 - يىلى ۋۇدلاۋن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، سابىق قىز دوستى خا مىن لېنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈپ، بالتىمور باغچىسىدا كۆمگەنلىكىگە دائىر تەكشۈرۈش دائىرىسدە قولغا ئېلىنغان ۋە 23 يىل بويىچە گۇناھسىزلىقىنى ئىسپاتلىيالمىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر